2017، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىش يىلى بولدى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «2017، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىش يىلى بولدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

945919
2017، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىش يىلى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «2017، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىش يىلى بولدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

2017 – يىلى %7.4 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە ئىقتىسادى، بىر گەۋدە ھالىتىدە مەيلى ئۆز ئىچىدە بولسۇن، مەيلى دۇنيا ئىقتىسادى ساھەسىدە بولسۇن، ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنداقتا تۆۋەندە، تۈركىيە ئىقتىسادى بۇ مۇساپىدە قانداق گۈللەندى ۋە بۇ ئۇتۇق ھېكايىسىنىڭ پەردە ئارقىسىدا قانداق ئامىللار بار؟ دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراپ چىقايلى.

تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە %7.3 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆتكەن يىلىنى ئوتتۇرىچە %7.4 لىك ئېشىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ئېلان قىلىندى. 2017 – يىلى جەريانىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ نىسبەت، بىر تەرەپتىن تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۈنۈملۈك بىر يىلنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنىڭمۇ كۆرسەتكۈچى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۈركىيە ئىقتىسادى نامايان قىلغان بۇ ئالاھىدە ئېشىش پەقەت دۆلەت مىقياسىدىلا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقتىن ئىبارەت ئەمەس؛ تۈركىيە يىللىق ئوتتۇرىچە %7.4 لىك ئېشىش نىسبىتى بىلەن بىر تەرەپتىن دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەر ئارىسىدا بايراقدار بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەت بولدى. دېمەك بۇ يەردە، تۈركىيە ئىقتىسادى 2017 – يىلى قولغا كەلتۈرگەن ئېشىشنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بىر تەسىر ساھەسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ.

مەلۇمكى، خەلقئارا مالىيە ئورگانلىرى 2017 – يىلى ئىچىدە تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار مۆلچەرلىرىگە بىر قانچە قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى ۋە شۇنداقتىمۇ ھەر قېتىملىق مۆلچەرنىڭ تۇتمىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى. نۆۋەتتىكى ئەھۋال بولسا، شۇنچىلىك كۆپ ئۆزگەرتىلگەن بولۇشىغا قارىماي، مۆلچەرلەرنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ھەقىقىي كۈچى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى. چۈنكى، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ مەزگىلدە قولغا كەلتۈرگەن ئېشىش نىسبىتى ئۇلارنىڭ تەخمىنلىرىدىن خېلىلا يۇقىرى چىقتى.

ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە ئالاقىدار تەپسىلاتلىرىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، 2017 – يىلى خىزمەت - مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ %10.7، سانائەت ساھەسىنىڭ ئوتتۇرىچە %9.2، قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ %8.9 ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى كۆرۈلمەكتە.

2017 – يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشقا ھەممىدىن مۇھىم تۆھپىنى %4.1لىك نىسبەت بىلەن خىزمەت - مۇلازىمەت ساھەسى قوشتى. بۇ مەزگىلدە سانائەت ساھەسىنىڭ ئېشىشقا قوشقان تۆھپىسى %1.8 بولدى. بۇ يەردە سانائەت ساھەسىدىكى خۇشاللىنارلىق ئەھۋاللارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئېشىشنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ نېگىزلىك كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان سانائەت ساھەسى يۇقىرىقىلار بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا ساھەلەردىمۇ پائال رولغا ئىگە. سانائەتنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى پېيىنىڭ 2016 – يىلىدىكى %19.6 دىن، 2017 – يىلىدىكى %20.6 گە چىقىشىمۇ بۇ ساھەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئىجابىي كۈچ بېغىشلاشنى سۈرئەت بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرى ھەردائىم روشەن ھېس قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە، بۇ ساھەنى بولۇپمۇ مالىيە جەھەتتە ئۈنۈملۈك چارىلەرگە ئىگە قىلىشنىڭ سىجىل ئېشىشنىڭ ئاچقۇچى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.

يەنە، 2017 – يىلى ئېكسپورت ئىقتىسادىي ئېشىشقا %2.6 لىك ھەسسە قوشقان بولسا، يىللىق %7.3 ئېشىش ھاسىل قىلغان سېلىنمىلارمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا %2.2 لىك كۈچ بېغىشلىدى.

2017- يىلى قولغا كەلتۈرۈلگەن ئېشىش نىسبىتىدە ئىچكى تەلەپتىكى ئېشىشنىڭمۇ مۇھىم تۆھپىسى بار. بۇ ئېشىشتا يەنە، دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلگەن تولۇقلىما ۋە ياردەملەرنىڭ تەسىرىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك. بۇنىڭدىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بىر رولنى ئۈستىگە ئالغان قەرز كاپالەت فوندى، بۇ مەزگىلدىكى ئېشىشتا ئىتتەرگۈچى ئامىل سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى.

مانا بۇ قوللاش ۋە تولۇقلاشلارنىڭ تەسىرلىرى ھېس قىلىنغان سانائەت ساھەسىدىكى كۈچلۈك زورىيىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا دائىر سانلىق مەلۇماتلارغىمۇ بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. 2017 – يىلىنىڭ كېيىنكى ئۈچ چارىكىدە سانائەت ساھەسىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتى يېقىنقى يىللارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتتى.

بۇ ئەھۋال، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىشانىغا يېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىش – ئەمگەك پۇرسىتى يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمگەك پۇرسىتى دوستى ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

تۈركىيە ئىقتىسادى، قولغا كەلتۈرگەن بۇ كۈچلۈك ئېشىش سۈرئىتىنى سىجىللىققا ئىگە قىلىش ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، مەيلى ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئىجرا قىلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان تولۇقلىما ۋە رىغبەتلەندۈرۈشلەر ئارقىلىق بولسۇن، مەيلى سېلىنما مۇھىتىنى ياخشىلاش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ئارقىلىق بولسۇن، مەيلى ئەمگەك كۈچى بازارلىرىغا ئالاقىدار يولغا قويۇلىدىغان  يېڭى سىياسەتلەر ئارقىلىق بولسۇن، كونكرېت قەدەملەرنى تاشلايدۇ ۋە تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر