فېۋرال ئېيىدىكى ئېكسپورت نىسبىتى %9 ئاشقان
تۈركىيەنىڭ فېۋرال ئېيىدىكى ئېكسپورت رەقىمى %9 ئېشىپ 13 مىليارد 176 مىليون دوللارغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن تاموژنا ۋە سودا مىنىستىرلىقى فېۋرال ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ۋاقىتلىق تاشقى سودا ئىستاتىستىكا رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ فېۋرال ئېيىدىكى ئېكسپورت نىسبىتى 2017-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %9 ئېشىپ 13 مىليارد 176 مىليون دوللارغا، ئىمپورت نىسبىتى %19.7 ئېشىپ 18 مىليارد 936 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇ مەزگىلدە، تاشقى سودا قىزىل رەقىمى %54.2 ئېشىپ 5 مىليارد 761 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتنى قايتۇرۇش نىسبىتى 2017-يىلنىڭ فېۋرال ئېيىدا %76.4 بولغان بولسا، 2018-يىلنىڭ فېۋرال ئېيىدا %69.6 گە تۆۋەنلىگەن.
2018-يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايلىق ئېكسپورتى 2017-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %9.8 ئېشىپ، 25 مىليارد 621 مىليون دوللارغا، ئىمپورتى %28.8 ئېشىپ 40 مىليارد 459 مىليون دوللارغا چىققان. بۇ مەزگىلدە، تاشقى سودا قىزىل رەقىمى 583.7 ئېشىپ، 14 مىليارد 838 مىليون دوللار بولغان. ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتنى قايتۇرۇش نىسبىتى بولسا، %63.3 بولغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.