ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىمالىي ئىراق مەمۇرلىرىنىڭ مائاشىنى ئەۋەتتى

شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت (كورد) ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىقى باغداد مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇر مائاشلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىمالىي ئىراق مەمۇرلىرىنىڭ مائاشىنى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىراق رايونلۇق مالىيە مىنىستىرلىقى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇر مائاشلىرىنى ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىراق مەركىزى بانكىسىنىڭ تەخمىنەن 260 مىليون دوللار ئەۋەتكەنلىكى ۋە ئىككى كۈن ئىچىدە شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى مائاشىنىڭ تارقىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، باغداد ئەۋەتكەن مائاش راسخوتىنىڭ سەھىيە، مائارىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت، ئىچكى ئىشلار، نوپۇس ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەمۇرلىرى بىلەن شېھىت ئائىلىلىرى ۋە سىياسىي مەھبۇسلارغا تارقىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر