ئىتالىيە شىركىتى قاتارغا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىدۇ

دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەركىزى ئىتالىيەدىكى تېخنولوگىيە شىركىتى لېئوناردو قاتارغا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

930521
ئىتالىيە شىركىتى قاتارغا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىركەت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئىشقا ئاشۇرۇلغان خەلقئارا دېڭىز مۇداپىئەسى يەرمەنكىسى ۋە كونفېرانسىدا قاتار دائىرىلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن، قاتار لېئوناردو شىركىتىدىن 3 مىليارد دوللار قىممىتىدە قۇرۇقلۇق ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن 16 دانە « NH90 TTH » تىپلىق ۋە دېڭىز ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن 12 دانە « NH90 NFH» تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋالىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، يېڭى ئەۋلاد ئومۇمىي نىشان تىك ئۇچار ئايروپىلان « NH-90 » لايىھەسى گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ شېرىكچىلىكىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، تۇنجى پىروتوتىپ تىك ئۇچار ئايروپىلان 1995 – يىلى 18 – دېكابىر كۈنى ئۇچۇشقا باشلىغان. « NH-90 »  تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلار يېنىك قېتىشما ئىشلىتىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر