ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەت 3700 كىشىنى ئىشتىن بوشىتىدۇ
ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەردىن بىرى بولغان ۋە ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىدىغان ئايربۇس شىركىتى 3700 كىشىنى ئىشتىن بوشىتىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايربۇس شىركىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىياسىتى ۋە زاكازنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن يېڭى قەدەملەرنى تاشلاش توغرۇلۇق قارار چىقىرىلغان ، شىركەت ئىشلەپچىقارغان « A380» ۋە « A400M » تىپلىق ئايروپىلانلارنى زاكاز قىلىش ۋە زاكاز قىلغانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئىشلىرىنىڭ كۆپلۈكى دائىرىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى مۇئەسسەسەلىرىدە ئىشلەۋاتقان 3 مىڭ 700 كىشى ئىشتىن بوشىتىلىدىكەن.
ئىشتىن بوشىتىش تاماملانغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان مەسىلىلەر مەسئۇلىيەتچانلىق دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن. 2020 – يىلدىن باشلاپ « A380» تىپلىق ئايروپىلان يىلىغا 6 دانە، « A400M» تىپلىق ئايروپىلان بولسا يىلىغا 8 دانە ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.