ترامپ: دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىر پاجىئەدۇر

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بىر پاجىئە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

919154
ترامپ: دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىر پاجىئەدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئاقسارايدا چاقىرىلغان ۋالىيلار يىغىنىدا ئامېرىكا ئىقتىسادى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى ئېغىر شەكىلدە تەنقىد قىلىپ، «دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىر پاجىئە. (ئۇ) بىزنىڭ سودىدا ياخشى بولۇشىمىزنى ئىمكانسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويماقتا. تۇرغۇزۇلغان دېلولاردا يېڭىلىپ قېلىۋاتىمىز، سوتچىلىرىمىز يوق» دېدى.

2016 – يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن بۇيان ئامېرىكىدا 3 مىليون كىشى ئۈچۈن ئىش – خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاخىرقى چارەكتە %3 دىن ئاشقانلىقىنى خاتىرىلەتتى. ئۇ يەنە، قانداق سىياسىي پارتىيەنى قوللىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پۈتكۈل ئامېرىكىلىقلار بۇ يىل ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان باجنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دونالد ترامپ سودا ساھەسىدە ئامېرىكىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىنمىغانلىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاي، كانادا ۋە مېكسىكا قاتارلىق ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرى ئورناتقان توسۇقلار تۈپەيلى نۇرغۇن پۇل زىيان تارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكىنىڭ تارتقان زىيانلىرىغا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەمەس، بۇرۇنقى رەھبەرلەرنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ترامپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ئالاھىدە ھۆرمىتىنى بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر