ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرنىڭ جەزبىدارلىق مەركىزى يەنىلا تۈركىيە

تۈركىيە ياۋروپالىق ساياھەتچىلەر ۋە ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ جەزبىدارلىق مەركىزىگە ئايلاندى.

911382
ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرنىڭ جەزبىدارلىق مەركىزى يەنىلا تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى بىرلىكىنىڭ بۇلتۇر دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرى ئېلان قىلغان «2018 – يىللىق ساياھەت مۆلچەرلىرى» ناملىق دوكلاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، تۈركىيە قايتىدىن ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرنىڭ جەزبىدارلىق مەركىزىگە ئايلانغان.

ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يىل ياز مەۋسۇمى ئۈچۈن ئالدىن تىزىملىتىشى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 69 ئاشقان. بۇ دائىرىدە، ساياھەت شىركىتى TUI نىڭ 2018 – يىللىق ساياھەت بېلەتلىرىنى سېتىشى ۋە قولغا كىرگۈزگەن كىرىمى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر