تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت مىقدارى % 10.2 ئاشتى.
900694
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى بىلەن تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ھازىرلانغان 2017 – يىللىق تاشقى سودا دوكلاتى ئېلان قىلىندى.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ 2017 - يىللىق ئېكسپورت مىقدارى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 10.2 ئېشىپ، 142 مىليارد 530 مىليون دوللاردىن 157 مىليارد 55 مىليون دوللارغا يەتكەن. 2016 – يىلى % 71.8 بولغان ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتنى كۈتۈۋېلىش نىسبىتى 2017 – يىلنىڭ ئاخىرلىرى % 67.2 كە تۆۋەنلىگەن.