ئىلتىماس سۇنغان ھەر بىر ئائىلە بەھرىمەن بولالايدىغان ئۈلگىلىك مۇلازىمەت
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ۋە چارۋىچىلىقتا كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش مەقسىتىدە يېمەك – ئىچمەك، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۈلگىلىك يېزا مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدۇ.
899947
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر بىر ۋىلايەتتە 3 يېزىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دېھقان – چارۋىچىلارغا ئۈلگە يارىتىلىدىغان مۇلازىمەت توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەرزۇرۇم پارلامېنت ئەزاسى ئورھان دەلىگۆز يېمەك – ئىچمەك، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇلازىمەتنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
->
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.