زەيبەكچى داۋوس يىغىنىدا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى

شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان 48 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشقان ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشمەكتە.

897516
زەيبەكچى داۋوس يىغىنىدا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەيبەكچى DOW گۇرۇھىنىڭ ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا  ئىشلىرى مەسئۇلى ۋە ئەقسا ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ھېينز ھاللېر، ئۇبېر گۇرۇھىنىڭ ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسئۇلى پىررې دىمىترى گورې كوتى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيەنىڭ مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغان شىركەتلەرنىڭ تەلەپلىرىنى تولۇق قاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن زەيبەكچى، تۈركىيەنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىدىغان ھەرقانداق بىر مەبلەغ سالغۇچىغا ئىشىكىنىڭ ھەمىشە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، داۋوس باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا شىۋېيتسارىيە ئىقتىساد، مائارىپ ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى جوھان سىچنېيدېر ئاممام ۋە لىھتېنستاين تاشقى ئىشلار مىنىستىرى،  مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئائۇرېلا فرىك بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر