دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەمەنگە ياردەم بەردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەمەنگە 200 توننا دورا ۋە  تېببىي ماتېرىيال ياردەم قىلدى.

892011
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەمەنگە ياردەم بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەمەنگە 200 توننا دورا ۋە  تېببىي ماتېرىيال قاچىلانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 4 ئايروپىلانى مۇشۇ ھەپتە سانا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارغان بولۇپ، بۇ ماتېرىياللار دورا، ئىنسۇلىن، ئانتىبىئوتىك،  تېببىي ئۈسكۈنە ۋە ماتېرىيال قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدىكەن. 16.4 مىليون كىشى سەھىيە مۇلازىمىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان يەمەندە تەخمىنەن 3 يىلدىن بۇيان دوختۇرخانىلار ۋە داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت ئورۇنلىرى دورا ۋە  تېببىي ماتېرىيال جەھەتتىن  قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يەمەن ۋەكىلى نېۋىئو زاگارىئانىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەتتىكى داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت ئورۇنلىرى دورا ۋە  تېببىي ماتېرىياللارغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەن، شۇڭا يەمەنگە ئەۋەتىلگەن  تېببىي ياردەملەر داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرالىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر