تۈركىيە ئاقدېڭىز بىلەن قارا دېڭىزدا نېفىت ۋە گاز قۇدۇقى كولايدۇ

تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىز بىلەن قارا دېڭىزدا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت ئۈچۈن قۇدۇق كولاشنى باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

869220
تۈركىيە ئاقدېڭىز بىلەن قارا دېڭىزدا نېفىت ۋە گاز قۇدۇقى كولايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراك تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدە ئېچىلغان خامچوت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراك ئىككى پاراخوت بىلەن ئاقدېڭىز ۋە قارا دېڭىزدا تەبىئىي گاز ۋە نېفىت قېدىرىش خىزمەتلىرىنى ئىنچىكلىك بىلەن قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، يىل ئاخىرىدا (2017) تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنىدىغان بۇرغىلاش پاراخوتى بىلەن ئاقدېڭىز ۋە قارا دېڭىزدا بۇرغىلاش ئىشلىرىنى باشلايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يىل ئاخىرىدا كان مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىدا رېكورت يارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامباردا ساقلاش ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ساھەسىدە ئىككى يىلدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئۇل-ئەسلىھە سېلىنمىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ: «ئىزمىردە خىزمەتكە كىرىشتۈرگەن تۇنجى تەبىئىي گازنى سۇيۇقلاندۇرۇش زاۋۇتىدىن كېيىن، ھاتاينىڭ دۆرتيولدىكى تەبىئىي گاز سۇيۇقلاندۇرۇش زاۋۇتىنى مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر