ئەردوغان: «ئىلىم – پەنمۇ مەلۇم دۆلەتلەرنىڭ مونوپوللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىلىم – پەن، تەتقىقات خىزمەتلىرى جەھەتتىن رايونغا باشلامچىلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

866839
ئەردوغان: «ئىلىم – پەنمۇ مەلۇم دۆلەتلەرنىڭ مونوپوللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسىلىك كۈللىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە ئىلىم – پەن ئاكادىمىيەسىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

ئەردوغان ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن 39 بىلىم ئادىمى مۇكاپاتلانغان مۇراسىمدا، ئىلىم – پەننىڭ ئىنسان ئەۋلادلىرىنىڭ تەبىئىتىدە ئەسلىندىنلا مەۋجۇت  بولغان ۋە ئاجايىپ بىر ئىشتىياق بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ھېچ تۈگىمەس قىزىقىشنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، ئىلىمدىنمۇ بەك پىكرىي ئىزدىنىشلەردىن كېلىپ چىقىدۇ» دېدى.

ئىلىم – پەننىڭمۇ مەلۇم دۆلەتلەرنىڭ مونوپوللۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش جەھەتتە قېيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلغانلىقىنى شۇڭا يەرلىك ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىلىم – پەن، تەتقىقات خىزمەتلىرى جەھەتتىن رايونغا باشلامچىلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ، «دۆلەتكە ۋە مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىش لازىم. قەتئىي ئىرادە ۋە نىشان لازىم. ھەممىدىن مۇھىمى بۇ يولغا پۈتۈن ئىشقى – مۇھەببىتى بىلەن ئاتلانغان بولۇش لازىم» دېدى.

ئەردوغان چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن تۈرك بىلىم ئادەملىرىنى مەملىكەتكە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىل لايىھەسىنىڭ نېفىت مەنبەلىك توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلەپ، ئىنژېنېر، ئىجادكار، مەبلەغ سالغۇچى ۋە تەرەققىياتپەرۋەر ئامېرىكىلىق ئېلون مۇسك بىلەن بۇ ھەقتە نويابىر ئېيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيەنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ 3 - چارىكىدە %11.1 لىك ئىقتىسادىي يۈكسىلىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە يىل ئاخىرىغا قەدەر %7.5 لىك يۈكسىلىشنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان: «مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر ئۇتۇقنى ئېكىسپورت ساھەسىدە قولغا كەلتۈردۇق. 2017 – يىللىق ئېكىسپورت سودا ئومۇمىي سوممىمىز 143 مىلياردتىن ئاشتى. بۇ يىلنى بەلكىم يېڭى بىر رېكورت بىلەن يېپىشىمىز مۇمكىم» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر