سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىت، سانائەت ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سەلمان ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى رىك پېررىي بىلەن كۆرۈشتى.
ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرى رىك پېررىي رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن پايتەخت رىيادتا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
ئۇچرىشىشتا نېفىت - خىمىيە زاۋۇتلىرى، ئۇل - ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدە ئورتاق سېلىنمىلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىت، سانائەت ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
مۇھەممەد بىن سەلمان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېنېرگىيە بازارىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ئورتاق مەپەئەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە ئېنېرگىيەنى سىجىللىققا ئىگە قىلىپ، خەلقئارا بازارغا سېلىشقا زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇچرىشىشقا سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە كان ئىشلىرى مىنىستىرى خالىد ئەل فاتىھ بىلەن ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بەزى مەسئۇللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.