ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە خىتاي دۇنيانىڭ ھۆكۈمەت قەرز يۈكى ئەڭ ئېغىر ئۈچ دۆلىتى ئىكەن

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دۇنيادىكى قەرز يۈكى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

840936
ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە خىتاي دۇنيانىڭ ھۆكۈمەت قەرز يۈكى ئەڭ ئېغىر ئۈچ دۆلىتى ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار، 63 تىرىليون دوللارلىق قەرزنىڭ %58.5 ىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي ياپونىيەنىڭ يەلكىسىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 19.94 تىرىليون دوللار بىلەن «دۇنيا ھۆكۈمەت قەرزلىرى تىزىملىكى» نىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت قەرزى دۇنيا مىقياسىدىكى ھۆكۈمەت قەرزلىرىنىڭ %32 گە توغرا كېلىدىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمەت قەرزلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتلەر، بانكىلار، سۇغۇرتا شىركەتلىرى، سېلىنما فوندىلىرى، پىنسىيونېرلىق فوندىلىرى ۋە ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىغا بولغان قەرزلەر ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ يىللىق كىرىمى 18.5 تىرىليون دوللارغا يېتىدىغان بولۇپ، مەزكۇر قەرزنىڭ مىللىي كىرىمگە سېلىشتۇرما نىسبىتى %107 ئىكەن.

ئىككىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغان ياپونىيەنىڭ ھۆكۈمەت قەرزى 11 تىرىليون دوللار بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدىكى ئومۇمىي ھۆكۈمەت قەرزلىرىنىڭ %18.8 ىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي قەرزى 5 تىرىليون دوللارغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ سان دۇنيا مىقياسىدىكى ھۆكۈمەت قەرزلىرىنىڭ %8 ىگە توغرا كېلىدىكەن. خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ قەرزلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مەھەللىي پۇل تۈرىدىن بولۇپ، ئۆز پۇقرالىرىغا بولغان قەرزلەردىن تەشكىل تاپىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر