FED نىڭ باشلىقلىقىغا جېرومې پوۋېل نامزات كۆرسىتىلدى

ئامېرىكا مەركەز بانكىسى (FED) نىڭ باشلىقلىقىغا جېرومې پوۋېل نامزات كۆرسىتىلدى.

840337
FED نىڭ باشلىقلىقىغا جېرومې پوۋېل نامزات كۆرسىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىلگىرى مەركەز بانكىسىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن جېرومې پوۋېلنى بانكىنىڭ باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسەتتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پوۋېلنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىيالىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارنامىسىنىڭ پالاتا تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك ئىكەن.

ترامپ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پالاتانىڭ پوۋېلنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارنامىسىنى تېز تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، 64 ياشلىق پوۋېل 2018 – يىلى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشىدىغان FED نىڭ باشلىقى يانېت يېللوننىڭ ئۆسۈم سىياسەتلىرىنى قوللايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر