ئامېرىكا قاتارنىڭ ھەربىي ياردەم تەلىپىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارنىڭ 1.1 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەم تەلىپىنى ماقۇللىدى.

839487
ئامېرىكا قاتارنىڭ ھەربىي ياردەم تەلىپىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، قاتارنىڭ  F-15QA تىپلىق ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن لايىھەلەش قاتارلىق خىزمەتلىرى، تاكسى يوللىرى، ئايروپىلان رېمونتخانىسى، ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىلىرى، قورال - ياراغ ئىسكىلات ساھەلىرى، بىخەتەر پاناھ جايلار، تەلىم – تەربىيە، تور مۇئەسسەسەلىرى، F-15  تىپلىق ئايروپىلانلارغا ئالاقىدار تور، ۋەزىپە ئۆتەش، كومپيۇتېر قوللايدىغان مۇلازىمەتلەرنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى ھەمدە بۇ مۇلازىمەت ئۈچۈن 1.1 مىليارد دوللارلىق چىقىم كېتىدىغانلىقى، بۇ ھەقتە دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات سۇنۇلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «قاتار پارىس قولتۇقىدىكى سىياسىي مۇقىملىق ئۈچۈن مۇھىم بىر كۈچتۇر. ئورتاق مۇداپىئە مەنپەئەتلىرىمىز مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ مۇستەھكەم ھالەتتە داۋاملىشىشىدا تۈرتكلىك رول ئوينىماقتا. شۇنداقلا قاتار ئەمىرلىكى ھاۋا ئارمىيەسى قاتارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم رول  ئوينىماقتا.»

قاتار ئىلگىرىمۇ ئامېرىكىدىن 12 مىليارد دوللار قىممىتىدە 72 دانە F-15E  تىپلىق ئايروپىلان سېتىۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر