ئىراق بىلەن تۈركىيە يېڭى چېگرا ئېغىزى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە بىلەن ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئىككىنچى بىر چېگرا ئېغىزى ئېچىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

834827
ئىراق بىلەن تۈركىيە يېڭى چېگرا ئېغىزى ئېچىش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى تۈفەنكجى، «ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىككىنچى بىر چېگرا ئېغىزى ئېچىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولدى. كېرەكلىك قەدەملەر تاشلانغاندىن كېيىن، ئوۋاكۆي چېگرا ئېغىزى ئېچىلىشى مۇمكىن» دېدى.

مىنىستىر تۈفەنكجى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تەھرىرلەر ئۈستىلى سۆھبەت پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئىبادىنىڭ تۈنۈگۈنكى تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، «ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىككىنچى بىر چېگرا ئېغىزى ئېچىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولدى. ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى خالايدىغانلىقىنى كۆردۇق. كېرەكلىك قەدەملەر تاشلانغاندىن كېيىن، ئوۋاكۆي چېگرا ئېغىزى ئېچىلىشى مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر