باغداد شىمالىي ئىراق كورد رايونىنى چەتتە قالدۇرۇشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىزدىمەكتە

ئىراق ھۆكۈمىتى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدىغان نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىنى رېمونت قىلىشقا باشلىدى.

823913
باغداد شىمالىي ئىراق كورد رايونىنى چەتتە قالدۇرۇشنىڭ يېڭى يوللىرىنى ئىزدىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى، 25 – سېنتەبىردە قانۇنسىز رەۋىشتە مۇستەقىللىق مەسىلىسى بويىچە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە يېڭى بىر تۈر بويىچە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

ئىراق، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە تەييارلانماقتا. باغداد، باشقا بىر تۇرۇبا لىنىيەسىنى رېمونت قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمۇ، كەركۈك – جەيھان تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق قىلىنىدىغان نېفىت ئېكسپورتىنى كۈنلۈك 400 مىڭ ۋارىلغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر