ۋېنگرىيە «تۈرك ئېقىمى» تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق تەبىئىي گاز سېتىۋالىدۇ
ۋېنگرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر سزىججارتو دۆلىتىنىڭ 2019 – يىلدىن باشلاپ «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسىنىڭ ئىككىنچى تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق رۇسىيەدىن تەبىئىي گاز سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
821164

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سزىججارتو «‹ Rossiya 24› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا: «<تۈرك ئېقىمى> نىڭ ئىككىنچى تۇرۇبا لىنىيەسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز. تۇرۇبا لىنىيەلىرىدىن بىرى تۈركىيەنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى ئىستېمال ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرى ۋە بالقان رايونىنىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قامداشتا ئىككىنچى تۇرۇبا لىنىيەسىدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك» دېدى.
ئۇ يەنە، ۋېنگرىيەنىڭ 2019 – يىلدىن باشلاپ «تۈرك ئېقىمى» تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.