مەھمەت شىمشەك ت ر ت مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ ئاخىرىدا %10 دىن تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

802030
مەھمەت شىمشەك ت ر ت مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە (ت ر ت) ئىدارىسى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti) ھۆكۈمىتىگىچە بولغان ئۇزۇن مۇساپىدە قاتماللىشىپ كەتكەن يۇقىرى نىسبەتلىك پۇل پاخاللىقىغا دۇچار بولۇپ كەلگەنىلكىنى ئەسكەرتىپ، قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى بىر خانىلىق سانغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى، بىراق ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىنكى بىر يىلدا ئوتتۇرىغا چىققان تاشقى پېرېۋوتتىكى ئېگىز-پەسلىك ۋە يېمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ قىسمەن ئۆسۈشى سەۋەبىدىن پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ ۋاقىتلىق ئىككى خانىلىق سانغا ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەھمەت شىمشەك: «يېقىنقى كۈنلەردە تاشقى پېرېۋوتتا كۆرۈلگەن مۇقىم ۋەزىيەت ۋە يېمەك-ئىچمەك كومىتېتىدا يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر نەتىجىسىدە، پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى بۇ يىل ئاخىرىدا يەنە قايتا %10 دىن تۆۋەنلەيدۇ دەپ ئويلاۋاتىمىز. نىشانىمىز پۇل پاخاللىقىنى قايتا بىر خانىلىق رەقەمگە چۈشۈرۈش، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن» دېدى.

ئۇ يېمەك-ئىچمەك كومىتېتىنىڭ يېمەك-ئىچمەك باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ يىل (2017) ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى، بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ چېگرا باجلىرىنى قايتىدىن تەڭشىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سورالغان سوئالغا: «ياۋروپادا تۈركىيە مەسىلىسىنى ئىچكى سىياسەت ئۈچۈن پايدىلىنىش ئۇرۇنۇشلىرىنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆزەتمەكتىمىز، بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپادا يېڭى ئاكتىيور ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە: «بەزى دۆلەتلەردە ئىچكى سىياسەت تالاش-تارتىشلىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە بىزدىن پايدىلىنىش تىرىشچانلىقلىرىنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆزەتمەكتىمىز، ئىنشائاللاھ سايلام ئاتموسفېراسى ئاخىرلاشقاندا ئەقىل بىلەن ئىش قىلار» دېدى.

ئۇ سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ سانى كۆپ بولغان شەھەلەرگە قارىتا يولغا قويۇلىدىغان يېڭى سىياسەتلەر توغرىسىدا توختىلىپ، سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەرگە بولغان تەسىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى، ئۇ شەھەرلەرگە ئۇل-مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىدا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى، مەبلەغ سېلىش، مائارىپ ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىگە قارىتا تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر