تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتامدۇ؟

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتامدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

797197
تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۇنيادا ۋە تۈركىيەدە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان نوپۇس، مۇئەييەن ئەمگەك كۈچىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ھەسسە قوشۇش بىلەن بىرگە، دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىغا قاراپ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىمۇ پەيدا قىلماقتا. زامانىمىزنىڭ ئەڭ نېگىزلىك ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىشسىزلىق، تۈركىيەدىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ماي ئېيىدا تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى %10.2 بولغان. يانۋار ئېيىدا %13 ئەتراپىدا بولغان بۇ نىسبەتتە ئۆتكەن بەش ئايلىق مۇساپىدە %2.8 لىك تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. يانۋار ئېيىدا 3 مىليون 985 مىڭ بولغان ئىشسىزلار سانى، ماي ئېيىدا 3 مىليون 225 مىڭغا چۈشتى. يەنى، تۈركىيەدە 2017 – يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئىشسىزلار سانىدا 760 مىڭ كىشى ئازايغان بولدى. ئىشسىزلىق نىسبىتىدىكى بۇ مۇھىم تۆۋەنلەشنى نەزەردىن ساقىت قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن بىرگە، ئەمگەك كۈچىگە قوشۇلغانلار نىسبىتىدىمۇ ئېشىش كۆرۈلدى. 2016 – يىلىنىڭ ماي ئېيىدا 30 مىليون 763 مىڭ بولغان ئەمگەك كۈچى، 2017 – يىلى 31 مىليون 713 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئېشىش كۆرسەتتى. يەنى، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە تۈركىيەدىكى ئەمگەك كۈچىگە 1 مىليونغا يېقىن ئادەم قوشۇلغان بولدى.

ئەمگەك كۈچىگە قوشۇلغانلار سانى ئاشقان، ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىگەن مۇشۇنداق بىر پەيتتە، مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەك بولغان ئۈچىنچى مەسىلە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبەتلىرىدۇر؛ چۈنكى، مەۋجۇت ئەمگەك كۈچىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيەتلىرى شەكىللەندۈرىدۇ. ماي ئېيى ئىستاتىستىكىلىرىغا قارىغاندا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىشى سانى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، 621 مىڭ كىشى ئېشىپ، 28 مىليون 488 مىڭغا يەتكەن. بۇلارنىڭ %19.6 ى يېزا – ئىگىلىك، %18.9 ى سانائەت، %7.5 ى قۇرۇلۇش، %54 ى خىزمەت – مۇلازىمەت ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بۇ سانلىق مەلۇماتلار سايىسىدا، ئەڭ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساھەنىڭ خىزمەت – مۇلازىمەت ساھەسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، خىزمەت – مۇلازىمەت ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئىچىدىكى نىسبىتىدىمۇ %0.9 لىك ئېشىش كۆرۈلدى. بۇ ئېشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان رىغبەتلەندۈرۈش پىلان – لايىھەلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. بۇ پىلان – لايىھەلەر دائىرىسىدە تاشلانغان ئەڭ كونكرېت قەدەملەرنىڭ بىرى، خىزمەت – ئىش ئىمكانىيىتى يارىتىش سەپەرۋەرلىكى بولدى. ئىش – ئەمگەك ئىمكانىيىتى يارىتىش سەپەرۋەرلىكى سايىسىدا، 2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا ئىشقا – خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 816 مىڭغا يەتكەن بولدى. ئىشقا – خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئىلگىرىلەش كۆرۈلگەن يېزا – ئىگىلىك ساھەسىدە بولسا، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان 37 مىڭ كىشىلىك ئېشىش كۆرۈلدى. بۇ ئېشىشنىڭ خۇسۇسەن ياز مەزگىلىدە گەۋدىلىك بولىدىغان مەۋسۇملۇق ئىشچىلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. شۇڭا، يېزا – ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئېشىشنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردىمۇ داۋاملىشىش ئېھتىماللىقى بار.

ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدىغان ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىدە بولسا، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، مۇئەييەن دەرىجىدە ياخشىلىنىش بار. 2016 – يىلى ماي ئېيىدا %32.5 بولغان ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى، 2017 – يىلى ماي ئېيىدا %32.9 گە ئۆرلىدى. بۇ ياخشىلىنىش ئۇزۇن مەزگىلدە ئاياللارنىڭ ئەمگەك كۈچى سېپىگە قېتىلىشىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاياللارنىڭ ئىشقا – خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ئىشسىزلىق نىسبىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتسە، ئىقتىسادىي ئېشىش جەھەتتىمۇ خېلىلا مۇھىم پۇرسەتلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچىدۇ.

ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەن تۇتۇشنىڭ پائال يولى، ئۈنۈملۈك ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان ئىش – ئەمگەك ئىمكانىيىتى يارىتىدىغان سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. 2017 – يىلىدا مەيلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىكى بىلەن بولسۇن، مەيلى ھۆكۈمەتنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن بولسۇن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە كونكرېت قەدەملەر تاشلاندى. مۇشۇ يىلنىڭ بەشىنچى ئېيىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ خىل تۆۋەنلەشنى ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىنىڭ مەھسۇلى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، پۈتكۈل رىغبەتلەندۈرۈش ۋە سىياسەتلەر ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادىي ئېشىش كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان تەقدىردە، ئاياللار ۋە ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىدىكى تۆۋەنلەش بىلەن بىرلىكتە، ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە بىر چارە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر