ئامېرىكا ئېمبارگو تىزىملىكىگە خىتاينىڭ بەزى پۇقرالىرىنىمۇ كىرگۈزگەن

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ دائىرەسىنى كېڭەيتىپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بەزى پۇقرالىرى ھەمدە شىركەتلىرىنىمۇ تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

795360
ئامېرىكا ئېمبارگو تىزىملىكىگە خىتاينىڭ بەزى پۇقرالىرىنىمۇ كىرگۈزگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ دائىرەسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، رۇسىيەلىك تۆت كىشى بىلەن بىر شىركەتنى تىزىملىككە كىرگۈزدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە خىتاينىڭ بەزى ئورگانلىرى ۋە پۇقرالىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كېڭەيتىلگەن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئىرىنا ھۇئىش، رۇبېن كىراكوسيان، مىخائىل پىسكلىن ۋە ئاندرىي سېربىن ئىسىملىك كىشىلەر ئىكەنلىكى، شىركەتنىڭ بولسا، مەزكىزىي موسكۋاغا جايلاشقان «Gefest-M LLC» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، خىتاينى تەنقىد قىلىپ، شىمالىي كورېيەگە بېسىم ئىشلىتىشتە يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

2017-يىلى 28-ئىيۇل قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغان شىمالىي كورېيە، 2006-يىلدىن بۇيان ب د ت نىڭ ئېمبارگولىرىغا قارىماي يادرو سىناقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر