تۈركىيەنىڭ مىللىي ئېنېرگىيە ۋە مەدەن سىياسىتى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «مىللىي ئېنېرگىيە ۋە مەدەن سىياسىتى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

795311
تۈركىيەنىڭ مىللىي ئېنېرگىيە ۋە مەدەن سىياسىتى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2016 – يىلى 6 – ئاپرېلدا «كۈچلۈك ئىقتىساد ۋە كۈچلۈك خەۋپسىزلىك» دېگەن تېما ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان <مىللىي ئېنېرگىيە ۋە مەدەن سىياسىتى> دائىرىسىدىكى لايىھە ۋە قۇرۇلۇشلار كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن باشلانغان قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە سېلىنمىلىرى، ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان شامال كۈچى ئېنېرگىيەسى ئىستانسىلىرىنى ھۆددىگە بېرىش يىغىنلىرى بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆمۈرگە ئوخشاش يەرلىك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئالاقىدار پىلان – لايىھەلەرمۇ دىققەتنى جەلپ قىلماقتا. بۇ جەھەتتە، ئىمپورت كۆمۈرنىڭ ئورنىغا يەرلىك كۆمۈر ئىستېمالىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزملىرىنىڭ بارغانچە ئومۇملىشىۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقماقتا.

ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى، يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بازار يۆنىلىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا شەكىللەنگەن مىللىي ئېنېرگىيە ۋە مەدەن سىياسىتى، تۈركىيەنىڭ كېلەچەكتىكى ئېنېرگىيە قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدە سىرتقا بېقىنىپ قېلىشنى ئازايتىش يولىدا تاشلىغان يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش پىلان – لايىھەلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئېنېرگىيەدە مەركىزىي دۆلەت بولۇش نىشانىغا ھەمدەم بولىدىغان ناھايىتى مۇھىم خىزمەتلەر قىلىنماقتا.

ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى سىجىل كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا تەبىئىي گازنى زاپاسلاش ئورۇنلىرىنى قۇرۇش بىلەن باشلانغان خىزمەتلەر، قارا دېڭىز ۋە ئاق دېڭىزدا داۋاملىشىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىزدەش پائالىيەتلىرى بىلەن داۋام قىلماقتا. ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار خەۋپلەرنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشنى نىشان قىلغان تۈركىيە، ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر سانىنى كۆپەيتىش جەھەتتىمۇ مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىماقتا. بۇ جەھەتتە، تۈركىيە زېمىنلىرىنى بېسىپ ئۆتۈشى پىلانلىنىۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرى قۇرۇلۇشلىرى ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

2018 – يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان تاناب (ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى) ۋە 2020 – يىلى پۈتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشلىرى، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ھەم ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ھەم دۇنيا ئېنېرگىيە سەھنىسىدىكى ئورنى نۇقتىسىدىن تۈركىيەنى مۇھىم بىر رولنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. تاشقاتما يېقىلغۇسى مەنبەلىرىدىن يوقسۇل بولغان تۈركىيە، بۇ جەھەتتىكى كەمچىلىكنى جۇغراپىيەلىك ئورنىنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق تولدۇرۇشنى كۆزلىمەكتە.

شۇ ۋەجىدىن، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئېنېرگىيە ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدارە – ئورگانلار كېرەكلىك ئۈستقۇرۇلما خىزمەتلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرماقتا. تۈركىيە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇساپىدىمۇ سۈرئىتىنى ئاستىلاتماستىن، ئېنېرگىيە ساھەسىگە سېلىنغان سېلىنمىلارغا يېڭى سېلىنمىلارنى ئىلاۋە قىلىشى لازىم. مىللىي ئېنېرگىيە ۋە مەدەن سىياسىتى، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كەلگۈسى نىشانلىرىغا يېتىشىدە يول خەرىتىسى رولىنى ئوينايدۇ.

ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئومۇمىي رامكا مۇشۇ شەكىلدە بېكىتىلگەن بولسا، مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئىككىنچى ئاساسىي تېمىسى بولغان مەدەن ساھەسىدىمۇ ھازىرغىچە ئورۇندىلىشى كېچىكىپ كەتكەن ئىشلار نۇقتىلىق تۇتۇلماقتا. دۆلەتنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ئەۋزەللىكلىرىنى ئىقتىسادقا ئايلاندۇرۇشتا مەدەنچىلىك ساھەسىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ دائىرىدە، مىللىي ئېنېرگىيە ۋە مەدەن سىياسىتىدىمۇ نۇقتىلىق تۇتقا قىلىنىۋاتقان گېئوفىزىكىلىق ۋە گېئوخىمىيەلىك خەرىتىلەرنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى، مەدەن مەنبەلىرىنى قېزىپ چىقىش جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىقىغا ئوخشاش پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر ساھەلەرگە تېخنولوگىيە ۋە ئىنسانىي سېلىنمىلارمۇ سېلىنىشى كېرەك. تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش سېلىنمىلىرى ئارقىلىق قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان سىياسەتلەر سايىسىدا، ئېنېرگىيە ۋە مەدەن ساھەلىرى ھەم يەرلىكلەشتۈرۈلىدۇ ھەم كۈچەيتىلىدۇ.

يېقىندا ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىقى ئارىسىدا ئىمزالانغان «كەسپىي مائارىپ ۋە ھەمكارلىق» كېلىشىمى، ئېنېرگىيە ۋە مەدەن ساھەسىدە كۆرۈلۈۋاتقان لاياقەتلىك خادىم مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نىشان قىلىدۇ. مەزكۇر كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، 11 ۋىلايەتتە قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان 12 كەسپىي تېخنىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئارقىلىق ئېنېرگىيە ۋە مەدەن تېخنولوگىيەلىرى ساھەسىدە تەجرىبىلىك، ياخشى يېتىشكەن ئەمگەك كۈچى مەنبەسى يارىتىپ، بۇ ساھەدىكى بوشلۇق كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تولدۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە بىر تەرەپتىن ئۆزى ئىگە بولغان مەنبە ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىختىساسلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە نەپ ئالىدۇ.

مىللىي ئېنېرگىيە ۋە مەدەن سىياسىتى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مەزكۇر پىلان – لايىھەلەرنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىدىن باياشاتلىقىغىچە، بىخەتەرلىكىدىن سىياسەتكىچە بولغان كۆپلىگەن ساھەدە تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تۈركىيەنى رايون ۋە خەلقئارا سەۋىيەدە تېخىمۇ كۈچلۈك بىر ئاكتىيورغا ئايلاندۇرۇش يولىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ ئىستراتېگىيەلىك پىلان، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز مەنبەلىرىدىن تېخىمۇ پائال ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىشى ئۈچۈن ماياكلىق رولىنى ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر