تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران شىركەتلىرى 7 مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيەنىڭ «Unit International» شىركىتى رۇسىيە ۋە ئىران شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىراندىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشقا ئېچىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن 7 مىليارد دوللارلىق كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

790466
تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران شىركەتلىرى 7 مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Unit International شىركىتى رۇسىيەنىڭ دۆلەتلىك زارۇبېجنېت شىركىتى ۋە ئىراندىكى ئەڭ چوڭ غادىر مەبلەغ گۇرۇھى بىلەن بىرلىكتە ئىراندا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بۇرغىلاش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزدى.

بۇرغىلاش مەشغۇلاتلىرى كۈنلۈك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 مىڭ ۋارىل بولغان ئەڭ مۇھىم نېفىت قاتلاملىرىدا ۋە يىللىقى75 مىليارد كۇب مېتىر ئىشلەپچىقىرىش ھەجىمىگە ئىگە تەبىئىي گازلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي تۆت رايوندا قىلىنىدۇ.

كېلىشىم بويىچە، شىركەتلەر ئىراننىڭ باشقا رايونلىردىمۇ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېدىرىش خىزمەتلىرىنى قىلالايدۇ. بىر رايوندىنلا تۈركىيەنىڭ 150 يىللىقتىن كۆپ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قامدىيالايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر