ئايۋالىقنىڭ زەيتۇنى خوڭكوڭغا يۈرۈش قىلدى
بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر شىركەت بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيى ئىچىدە خوڭكوڭغا 150 مىڭ دوللارلىق زەيتۇن، زەيتۇن يېغى، زەيتۇن سوپۇنى، زەيتۇن مۇرابباسى، زەيتۇن سۈتى، زەيتۇن لوقۇمى، زەيتۇندىن ياسالغان ئەتىر ئېكسپورت قىلدى.
786052
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ۋە چەت ئەللەردە قاتناشقان مۇسابىقىلەردە ئۆزى ئىشلەپچىقارغان زەيتۇن يېغى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن شىركەتنىڭ 4 – ئەۋلاد ۋەكىلى مۇستافا كۈرلەك، ئاتا – بوۋىلىرىدىن قالغان بۇ مىراسنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.