ياۋرو – ئاسىيادا قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشلىرى ۋە تۈركىيە

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ياۋرو – ئاسىيادا قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشلىرى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

783087
ياۋرو – ئاسىيادا قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشلىرى ۋە تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىنقى يىللاردا دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ سالمىقى غەربتىن شەرققە يۈزلىنىشكە باشلىدى. بۇ مەنىدە، ياۋرو – ئاسىيا رايونىنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئاشتى. ياۋرو – ئاسىيا رايونىنىڭ قاتناش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان كۆپلىگەن قۇرۇلۇشلار داۋام قىلماقتا. بۇ قۇرۇلۇش ۋە پىلان – لايىھەلەر بولۇپمۇ ئۈستقۇرۇلما، ئېنېرگىيە ۋە قاتناش لىنىيەلىرىگە مەركەزلەشمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە، خىتاي، تۈركىيە دېگەندەك ئاكتىيورلارمۇ بۇ دائىرىدە ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن بۇ پىلان ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ پەرقلىق بىر تەرىپى بار؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئورنىنى باسىدىغان قاتناش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە ۋە ئېنېرگىيە جەھەتتە رۇسىيەگە بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىشقا تىرىشماقتا. بۇ مەنىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە رىغبەتلەندۈرۈش پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدا قەدەملەرنى تاشلىدى.

بۇ دائىرىدە،  «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى» لايىھەسى ئىككى مۇھىم دۇنياۋى قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشلار ئاسىيا بىلەن ياۋروپا بازارلىرىنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا. بۇ نىشاننى بويلاپ، تۈركىيەمۇ ئەزا بولغان يىپەك يولى بانكىسى ۋە ئاسىيا ئۈستقۇرۇلمىغا مەبلەغ سېلىش بانكىسى قۇرۇلدى. بۇ ئارقىلىق  رايون دۆلەتلىرى ۋە رايوندا ئاكتىپ رول ئوينىماقچى بولغان ئاكتىيورلار قوشقان ماددىي مەنبەلەرنى بىرلا بايراق ئاستىغا توپلاش كۆزلەنمەكتە.

تۈركىيە بۇ پىلان – لايىھە ۋە قۇرۇلۇشلارغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ پىلان ۋە قۇرۇلۇشلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى شۇنداقلا بۇ يۆنىلىشتە مۇھىم قورۇلۇشلارنى روياپقا چىقاردى ۋە چىقارماقتا. بۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى ۋە مۇھىملىرى ياۋرو – ئاسىيا كارىدورى، باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى، مارماراي ۋە يىپەك يولى ئوتتۇرا كارىدورى قاتارلىقلاردۇر. بۇ قۇرۇلۇشلار پەقەت تۈركىيە ياكى ئاسىيا ئۈچۈنلا ئەمەس، ياۋروپا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن، باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى ۋە مارماراي بىلەن خىتايدىن ئەنگلىيەگىچە ئۈزلۈكسىز قاتناش كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى تېخى يېقىندا تۇنجى يولۇچى توشۇشنى سىناق قىلدى. باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى خەلقئارا لىنىيەسىنىڭ تۇنجى سەپىرىنى سېنتەبىر ئېيىدا باشلىشى پىلانلانماقتا. نۆۋەتتە رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان باكۇ – تىفلىس – ئەرزۇرۇم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە باكۇ – تىفلىس – جەيھان نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىمۇ تۈركىيەنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولىنىڭ يەنە بىر نىشانى بولسا، رايوندا يېڭى بىر ئېنېرگىيە كارىدورى شەكىللەندۈرۈش بولۇپ، ئەزەربەيجاننىڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى بۇ كارىدور ئارقىلىق دۇنيا بازىرىغا سېلىش كۆزدە تۇتۇلماقتا. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مەۋجۇت قاتناشمۇ ئاساسەن بۇ لىنىيەگە مەركەزلىشىدۇ. باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى ياۋرو – ئاسىيا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى، يالغۇز بىر تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشىلا ئەمەس، تارىخىي يىپەك يولىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش، رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنى مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشىدۇر. باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى بىلەن ياۋروپا ۋە تۈركىيە – گىرۇزىيە – ئەزەربەيجان ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىراق شەرق ئارىسىدا تۆمۈر يولى بىلەن مۇقىم يۈك ۋە يولۇچى توشۇمىچىلىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، تۆمۈر يولى توشۇمىچىلىقى ئېلىپ كېلىدىغان بىخەتەر ۋە ئەرزان توشۇش مودېلى، ياۋرو – ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سودا ھەجىملىرىنىڭ ئېشىشى ۋە بېيىشىغا ھەسسە قوشىدۇ.

بۇ پىلان ۋە قۇرۇلۇشلارغا بىر پۈتۈن ھالەتتە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، كۆز ئالدىمىزدا بەزى خەۋپ ۋە پۇرسەتلەر نامايان بولىدۇ. ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىزلىق، تاموژنا سىياسەتلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلماسلىقى، ھازار دېڭىزىنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتى مەسىلىسى ئالدىنقى قاتاردىكى خەۋپلەر ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە رايوندىكى تېخنىكىلىق ۋە قانۇنىي ئۈستقۇرۇلما تولۇق بىر گەۋدىلىشىشنى كۆتۈرۈپ كېتەلمەيدۇ. تۈركىيە، قانۇنىي ئاساسلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە چارە تېپىش ئۈچۈن، 2009 – يىلى باكۇدا چاقىرىلغان تاموژنا خىزمەتلىرى يىغىنىدا، «كارۋانساراي لايىھەسى» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ تەكلىپكە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرغانلار بولدى. كارۋانساراي لايىھەسى، تاموژنا بەلگىلىمىلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ لايىھە، نۆۋەتتە سىناق تەرىقىسىدە ئىجرا قىلىنماقتا. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قۇرۇلۇش ۋە پىلان – لايىھەلەرنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشىشى رايوننىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ بېغىشلايدۇ. رايون خەلقلىرى ئىقتىسادىي ساھەدە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا ھەجىملىرىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە بولىدۇ. ئۇزۇن كېلەچەكتە ياۋروپا – ئاسىيا ئارىسىدا كۆپ قاتلاملىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر گۈللىنىدۇ.

دۇنيادىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىرلىكتە ياۋرو – ئاسىيانىڭ دۇنيا سىياسىتىدىكى ۋە ئىقتىسادىدىكى سالمىقى بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ. شۇڭا، ياۋرو – ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك لايىھەلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك مېخانىزملارنىڭ قۇرۇلۇشى ناھايىتى مۇھىم ئۆزگىرىشلەر ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە بۇ نۇقتىدا، ھەم قولايلاشتۇرۇش ھەم تۈگۈن بولۇش رولىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تۈركىيە كۈچلۈك پورتچىلىك ئۈستقۇرۇلمىسى بىلەن دېڭىز يولى ئارقىلىق باغلىنىش جەھەتتە ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بىراق، بولۇپمۇ تۆمۈر يولى ۋە ئارقا سەپ تورىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ئالاقىدار داۋاملىشىۋاتقان قۇرۇلۇشلار سۈرئەت بىلەن پۈتۈشى كېرەك. تۈركىيە بۇ قۇرۇلۇش ۋە پىلان – لايىھەلەر سايىسىدا خىتاي، رۇسىيە دېگەندەك دۆلەتلەر بىلەن بولغان كۈچلۈك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ. چۈنكى، بۇ قۇرۇلۇش بىلەن تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان دېگەندەك تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى يۇقىرى بالداققا ئۆرلەيدۇ.

يۇقىرىدا «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «ياۋرو – ئاسىيادا قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشلىرى ۋە تۈركىيە» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر