قاتار دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى

قاتار ئۆزىگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ سودا، خىزمەت ۋە ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بولىدىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى.

781404
قاتار دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئۆزىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولار ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتى (WTO) ئەرز قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا پارتلىغان سودىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان 60 كۈنلۈك مۆھلەتمۇ باشلانغان بولدى.

قاتارنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى ئەلى ئەلۋەلىد ئەلسانى بۇ مۆھلەت ئىچىدە مەسىلە ھەل بولمىغاندا ئېمبارگولارغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە، مەزكۇر مەسىلىنى ب د ت خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى يىغىنىدىمۇ كۈنتەرتىپكە قويىدىغانلىقلىرىنىمۇ ئەسكەرتتى.

قاتار ئىقتىساد ۋە سودا مىنىستىرى شەيخ ئەھمەت بىن جاسىم بىن مۇھەممەد ئالسانى: «ئېمبارگو يۈرگۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەيلىچە يولغا قويغان سىياسەتلىرى، خەلقئارالىق قارار، كېلىشىم ۋە ئەنئەنىلەرگە خىلاپ بولغاندىن باشقا، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يامان ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىشكە تېگىشلىك ۋەقە بولدى» دېدى.

شەيخ ئەھمەت بىن جاسىم بىن مۇھەممەد ئالسانى ئىقتىساد ۋە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قاتارنىڭ ھەمدە شېرىكلىرىنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق تەشكىلاتلار سەۋىيەسىدە تېگىشلىك قەدەملەرنى باسىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پارس قولتۇقى كىرىزىسى 5-ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشى نەتىجىسىدە پارتلىغان ئىدى. قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن مەزكۇر تۆت دۆلەت، مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن 13 ماددىلىق شەرتنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ قاتار بولسا، خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق تەلەپنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر