تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمى بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، % 8.7 ئېشىپ، 5 مىليارد 413 مىليون 48 مىڭ دوللارغا يەتتى.

780647
تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەنىڭ ساياھەت كىرىمىنىڭ % 81.3 ى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەردىن، % 18.7 سى تۈركىيە سىرتىدا ياشاۋاتقان تۈرك زىيارەتچىلەردىن قولغا كەلتۈرۈلگەن. چىقىملارنىڭ 4 مىليارد 442 مىليون 643 مىڭ دوللارلىق قىسمىنى خۇسۇسىي خىراجەتلەر، 970 مىليون 405 مىڭ دوللارلىق قىسمىنى بولسا ئاممىۋى ساياھەت چىقىملىرى تەشكىل قىلغان.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە چىقىم 611 دوللار بولۇپ، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجىتى 570 دوللار، تۈركىيە سىرتىدا ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجىتى بولسا 845 دوللار بولغان.

تۈركىيەدىن چىقىپ كەتكەن زىيارەتچىلەرنىڭ سانى بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، % 18.3 ئېشىپ، 8 مىليون 863 مىڭ 391 كىشى بولغان بولۇپ، بۇنىڭ % 86.6 سىنى چەت ئەللىكلەر، % 13.4 ىنى تۈركىيە سىرتىدا ياشاۋاتقان تۈركلەر تەشكىل قىلغان.

باشقا دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت چىقىملىرى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، % 8.2 ئازىيىپ، 1 مىليارد 386 مىليون 362 مىڭ دوللار بولغان. بۇنىڭ 1 مىليارد 125 مىليون 951 مىڭ دوللارلىق قىسمىنى خۇسۇسىي چىقىملار، 260 مىليون 411 مىڭ دوللارلىق قىسمىنى بولسا ئاممىۋى ساياھەت چىقىملىرى تەشكىل قىلغان.

بۇ مەزگىلدە چەت ئەللەردە زىيارەتتە بولغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سانى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، % 12.7 ئېشىپ، 2 مىليون 294 مىڭ 588 كىشىگە يەتكەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە چىقىم 604 دوللار بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر