تۈركىيەدە ئىشقا ئۇرۇنلىشىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشماقتا

تۈركىيەدە ئاپرىل ئېيىنىڭ ئاخىرىغىخە ئومۇمىي خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 28 مىليون 157 كىشىگە يەتتى.

772627
تۈركىيەدە ئىشقا ئۇرۇنلىشىش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا 1 مىليون 488 مىڭ كىشى يېڭى خىزمەت ئىمكانىيىتىگە سازاۋەر بولدى.

تۈركىيە ئىستاتىستېكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئومۇمىي خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 26 مىليون 669 مىڭ كىشى بولۇپ، بۇ يىل ئاپرىل ئېيىنىڭ ئاخىرىدا 1 مىليون 488 مىڭ كىشى ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل ئاپرىل ئېيىنىڭ ئاخىرىغىخە ئومۇمىي خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 28 مىليون 157 كىشىگە يەتكەن.

بۇ مەزگىلدە ئىشسىزلارنىڭ سانى 3 مىليون 287 ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ بۇنداق زور دەرىجىدە ئېشىشىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 7 - فېۋرالدىكى تۈركىيە ئىقتىسادىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يېڭى بىر خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىكى باشلىغانلىقى شۇنداقلا ھۆكۈمەت تەرەپتىنمۇ يېڭى رىغبەتلەندۈرۈش لايىھەلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى چوڭ رول ئوينىدى.

يېزا ئىگىلىكى بانكىسى ئىقتىسادشۇناسى بورا تامەر يىلماز تۈركىيەدە يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي تەدبىرلەر ۋە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىكى سايىسىدا دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ نۇرغۇنلىغان كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە كۈتۈلگىنىدىنمۇ يۇقىرى تەرەققىي قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ئىقتىساد %5 تەرەققىي قىلىپ، تەخمىنەن 500 مىڭ كىشى يېڭى خىزمەت ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. شۇنداق قىلىپ ئىشسىزلىق نىسبىتى پەسىللىك تەسىرلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئەسلىدىكى، %11.9 دىن %11.3 كە چۈشۈپ، ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭدى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر