ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى كونگرەدە سوئاللارغا جاۋاب بەردى
ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى (Fed) نىڭ باشلىقى جېنىت يېلىن كوگرە ئەزالىرىنىڭ مەركەز بانكىسىنىڭ سىياسەتلىرى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى جېنىت يېلىن فېۋرال ئېيىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا كونگرە ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادى ۋە مەركەز بانكىسىنىڭ سىياسەتلىرى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
كونگرەنىڭ بىر ئەزاسى دەسلەپكى تۆت يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 2018-يىلى 3-فېۋرالدا توشىدىغان يېلىندىن قايتا ۋەزىپىگە قويۇلۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ-قىلمايدىغانلىقىنى سورىدى.
يېلىن بۇ مەسىلىنى پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن سۆزلەشمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «دەسلەپكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمنى توشقۇزۇشقا نىسبەتەن ئىرادەم قەتئىي، دىققىتىمنى كونگرە تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن نىشانىمىزغا يېتىشقا مەركەزلەشتۈرۈۋاتىمەن، بۇ سوئال توغرىسىدا ئانچە كۆپ ئويلاشمىدىم» دەپ جاۋاب بەردى.
يەنە بىر كونگرە ئەزاسى يېلىندىن ئوخشاش سوئال سورىدى. يېلىن: «پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن بۇ ھەقتە كۆرۈشۈشكە تەييارمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ، «بۇ سىزنىڭ ئاخىرقى دوكلاتىڭىز بولۇپ قالارمۇ؟» دېگەن سوئالغا: «ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمنىڭ 2018-يىلى فېۋرال ئېيىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا قارىغاندا، شۇنداق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇ مەركەز بانكىسىنىڭ بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۆسۈمنى داۋاملىق ئۆستۈرىدىغانلىقىنى، %2 لىك پۇل پاخاللىق نىسبىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تالاش-تارتىش قىلىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، «مەركەز بانكىسى پۇل پاخاللىقىنى %2 گە چۈشۈرۈش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەشنىڭ ئورنىغا يىراقلىشىۋاتىدۇ» دېگەن قاراشلارغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئالدىمىزدىكى بىر قانچە يىل ئىچىدە پۇل پاخاللىقىنى %2 گە چۈشۈرۈش نىشانىدىن يىراقلاشتى دېگەنلەر، ئۆزلىرىنىڭ بالدۇر دەپ سالغانلىقىنى بىلىدۇ» دېدى.
ئۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىدىكى ئېشىش ۋە ئىش ھەققى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاجىزلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەركەز بانكىسىنىڭ بۇ سەۋەبتىن پۇل پاخاللىقىنى داۋاملىق يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.