قاتار ئامېرىكىدىن F15  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىۋالىدۇ

قاتار 12 مىليارد دوللارلىق F15  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم تۈزدى.

753425
قاتار ئامېرىكىدىن F15  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېلىشىمنىڭ ئىمزا مۇراسىمى ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەلئەتىييە  تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتىس بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئامېرىكىدا 42 ئىشتاتتا 60 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان كېلىشىم، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تىنچلىق ھەم مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەمدە ئەسەبىيلىككە قارشى زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىش جەھەتتىن ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «كېلىشىم قاتارنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن تۈرتكلىك رول ئوينايدۇ ھەمدە ئامېرىكا – قاتار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچكە ئاساسلىنىدىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ» دېيىلدى.

بۇ ھەقتىكى كېلىشىم ئەرەب ئەللىرىنىڭ 5 – ئىيۇن كۈنى قاتارغا دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىدىن كېيىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ پارىس قولتۇقىدا يۈز بەرگەن كىرىزىس توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان باياناتلىرىدا، قاتارنى قورشاۋ ئاستىغا ئالغان دۆلەتلەرنى قوللىغان، دوھا ھۆكۈمىتىنى بولسا «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش» بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

بۇلتۇر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قاتارغا 21 مىليارد دوللارلىق  F15  تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سېتىپ بېرىش كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىغانىدى.

ۋاشىنگتوندا تۈزۈلگەن كېلىشىممۇ بۇ دائىرىدە ئىشقا ئاشقان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر