سويلۇ: تۈركىيەنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلو، تۈركىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قارىماي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

752439
سويلۇ: تۈركىيەنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلو، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئاقسارايدا بېرىلگەن ئىپتار پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ھېچكىمنىڭ توسقۇنلۇق قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مەيلى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى بولسۇن، مەيلى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بولسۇن، مەيلى پ ك ك مەيلى DHKP-C، مەيلى بۇ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغانلار بولسۇن، شۇنى بىلىپ قالسۇنلاركى، بۇ خەلق ئېتىقادى، ئىمانى، مىللىتى ۋە ئىرادىسىگە تايىنىپ قارار قىلدى؛ بىز دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 10 چوڭ دۆلىتىنىڭ بىرى بولىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر