دۇنيا بويىچە تاپاۋىتى ئەڭ يۇقىرى 100 مەشھۇر كىشى

«Forbes» ژۇرنىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ باي 100 مەشھۇرنىڭ 2016 – يىلى ئىيۇن ئېيىدىن 2017 – يىلى ئىيۇن ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە 5 مىليارد 150 مىليون دوللار كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

751361
دۇنيا بويىچە تاپاۋىتى ئەڭ يۇقىرى 100 مەشھۇر كىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى، رىژېسسور ۋە راپ مۇزىكانتى سېنس كومبس بولۇپ تاللاندى.

ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق سودا – سانائەت ۋە ئىقتىساد ژۇرنىلى «Forbes» دۇنيا بويىچە تاپاۋىتى ئەڭ يۇقىرى 100 چولپاننى ئېلان قىلدى.

«Forbes» ژۇرنىلى ھەر يىلى تەكشۇرۈپ بېكىتىپ چىقىدىغان ئاتاقلىقلار تىزىملىكىدە، «Diddy» دېگەن لەقىمى بىلەن تونۇلغان ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىسى، رىژېسسور ۋە راپ مۇزىكانتى سېنس كومبس  2016 – يىلى ئىيۇن ئېيىدىن 2017 – يىلى ئىيۇن ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە 130 مىليون دوللار كىرىم قىلىش ئارقىلىق بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. 

بۇ مەزگىلدە ئامېرىكنىڭ مۇزىكانت ۋە كىنو ئارتىسى بېيونجە بولسا، 105 مىليون دوللار كىرىم قىلىش ئارقىلىق ئىككىنچى، «Harry Potter» ناملىق كۆپ قىسىملىق كىتلابنىڭ يازغۇچىسى «J.K. Rowling» 95 مىليون دوللار كىرىم قىلىش ئارقىلىق ئۈچىنچى بولدى.

ئوخشاش مەزگىلدە يەنە كانادالىق ناخشىچى دىراك 94 مىليون دوللار كىرىم قىلىپ، تۆتىنچى، پورتېگالىيەلىك پۇتبولچى چېرىستىنو رونالدو 93 مىليون دوللار كىرىم قىلىپ 5 – بولدى.

2016 – يىلى ئىيۇن ئېيىدىن 2017 – يىلى ئىيۇن ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە دۇنيا بويىچە تاپاۋىتى ئەڭ يۇقىرى 100 مەشھۇر كىشىنىڭ ئۆچتەن بىرىدىن كۆپرەكىنىڭ ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. تېزىملىكتىكى مەشھۇرلارنىڭ %20 نىڭ ياۋروپالىق، %5 نىڭ ئاسىيالىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«Forbes» ژۇرنىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ باي 100 مەشھۇرنىڭ 2016 – يىلى ئىيۇن ئېيىدىن 2017 – يىلى ئىيۇن ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە قولغا كەلتۈرگەن ئومۇمىي كىرىمىنىڭ 5 مىليارد 150 مىليون دوللار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر