Fitch Ratings: نۆۋەتتىكى كىرىزىس قاتارنىڭ كىرېدىت كۆرسەتكۈچىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى – Fitch Ratings، قاتار ۋە بەزى ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن كىرىزىسنىڭ قاتارنىڭ كىرېدىت نومۇرى ۋە كۆرسەتكۈچىگە ھازىرىي تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

747648
Fitch Ratings: نۆۋەتتىكى كىرىزىس قاتارنىڭ كىرېدىت كۆرسەتكۈچىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Fitch Ratings بايانات بېرىپ، نۆۋەتتىكى كىرىزىسنىڭ قاتارنىڭ «ئائا» سەۋىيەسىدىكى كىرېدىت نومۇرى ۋە «تۇرغۇن» كۆرسەتكۈچىگە ھازىرىي تەسىرىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا، كىرىزىس داۋاملاشقان تەقدىردە، قاتارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مالىيە جەھەتتىن ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچار بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

قاتارنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قىلىۋاتقان تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، خەلقئارا گاز تۇرۇبىلىرى سايىسىدا دۆلەتنىڭ تەبىئىي گاز ئېكسپورتىنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

Fitch Ratings، كىرىزىس داۋاملاشقان تەقدىردە قاتارنىڭ تاشقى ۋە مالىيە قەرزلىرىگە مەركەزلەشكەن ھالدا كىرېدىت نومۇرى ۋە كۆرسەتكۈچىنىڭ قايتىدىن مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر