ئامېرىكا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك غا ناھايىتى كۆپ مىقداردا خامچوت ئاجراتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ 2018 – يىللىق خامچوتىدا سۈرىيەدىكى دائېشقا قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنى مەشق قىلدۇرۇش ۋە قوراللاندۇرۇش پىروگراممىسى ئۈچۈن 500 مىليون دوللار ئاجرىتىلدى.

744632
ئامېرىكا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك غا ناھايىتى كۆپ مىقداردا خامچوت ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى مەشق قىلدۇرۇش ۋە قوراللاندۇرۇش پىروگراممىلىرى ئۈچۈن ، 2018 – يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىدىكى 64 مىليارد دوللارلىق دۆلەت ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر مەبىلىغىدىن 1 مىليارد 769 مىليون دوللار ئاجراتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن 1 مىليارد 269 مىليون دوللارلىق قىسمى، ئىراقتا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان مەشق قىلدۇرۇش ۋە قوراللاندۇرۇش پىروگراممىسى ئۈچۈن، قالغان 500 مىليون دوللارلىق قەىسمى سۈرىيەدىكى مەشق قىلدۇرۇش ۋە قوراللاندۇرۇش پىروگراممىسى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان.

ھۆججەتتە قەيت قىلىنىشىچە، سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن 25 مىڭ كىشى تەربىيەلەنگەن، 5 مىڭ كىشى تەربىيەلىنىۋاتقان بولۇپ، 500 مىليون دوللارلىق خامچوتنىڭ 393 مىليون دوللارلىق قىسمى قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ئۈچۈن ئايرىلغان.

سۈرىيەدىكى مەشق قىلدۇرۇش ۋە قوراللاندۇرۇش پىروگراممىسى دائىرىسىدە ياردەم بېرىلىۋاتقان گۇرۇپپىلارغا بېرىلىدىغان قورال – ياراغلار ئارىسىدا تانكىغا قارشى قورال ۋە راكېتامىيۇت قاتارلىق ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ بولۇشى دىققەت قوزغىدى.

مەزكۇر قورال - ياراغ تىزىملىكىدىن 12 مىڭ دانە كالاشىنكوف ماركىلىق مىلتىق، 3500 دانە ئېغىر تىپلىق پىلىموت، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن 3 مىڭ دانە RPG-7  ۋە  1000 دانە  AT-4 ،  رۇسىيەدە ئىشلەنگەن SPG-9  تىپلىق تانكىغا قارشى قورال ئورۇن ئالدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تىزىملىكتىن، 235 دانە شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، 100 دانە مەرگەن مىلتىقى، 450 دانە PV-7  تىپلىق كېچىلىك دۇربۇن ۋە 150 دانە ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق دۇربۇن قاتارلىقلار ئورۇن ئالدى.

ھۆججەتتە، قورال - ياراغ بېرىلىدىغان گۇرۇپپىلار ئۈچۈن «تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر» ئىبارىسى ئىشىتىلگەن بولسىمۇ، بۇ قوراللارنىڭ كۆپ قىسمىدىن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ باشلامچىلىق قىلىۋاتقان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى (س د گ ) نىڭ بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ياردەم بېرىۋاتقان ئاز ساندىكى دائېشقا قارشى ئەرەب گۇرۇپپىلىرىنىڭمۇ بۇ قوراللاردىن پايدىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خامچوت ھججىتىدە، مەزكۇر قوراللار بېرىلمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى شېرىك كۈچلەرنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مىنىستىرلىق بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خامچوتنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە.

ئاق ساراي ئۆتكەن ئاي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا  سۈرىيەدە پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا رەققە ھەرىكىتى دائىرىسىدە قورال - ياراغ ۋە لازىمەتلىك بېرىش ھوقۇقى بەرگەنىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى  قورال – ياراغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ھازىرغىچە غەيرىي رەسمىي بولسىمۇ رەت قىلىپ كەلگەنىدى.

بىراق مىنىستىرلىق مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا تۇنجى قېتىم پ ي د / پ ك ك غا يېنىك تىپلىق قورال - ياراغ ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە پ ي د / پ ك ك غا داۋاملىق ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر