جەنۇبىي ئافرىقىدا ئافرىقا نېفىت ۋە ئېنېرگىيە كونفېرانسى ئېچىلىدۇ

2017-يىللىق ئافرىقا نېفىت ۋە ئېنېرگىيە كونفېرانسى 5-ئىيۇن جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ كاپېتوۋن شەھىرىدە باشلىنىدۇ.

742727
جەنۇبىي ئافرىقىدا ئافرىقا نېفىت ۋە ئېنېرگىيە كونفېرانسى ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي ئافرىقىدا ئېچىلىدىغان 2017-يىللىق ئافرىقا نېفىت ۋە ئېنېرگىيە كونفېرانسىدا دۇنيا ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى چوڭ ئويۇنچىلار ۋە رايوندىكى داڭلىق شىركەتلەر بىر يەرگە جەم بولىدۇ. يىغىن كاپېتوۋن خەلقئارا كونگرە مەركىزىدە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 63 سۆز قىلغۇچى ۋە مەزكۇر ساھەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ 500 نەپەر ۋەكىلى قاتنىشىدۇ.

ئېنېرگىيە بازىرىدا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بۇ مەزگىلدە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى سېلىنما ئىمكانىيەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان بۇ قېتىمقى كونفېرانستا، سېلىنمىلارنىڭ قانۇنىي ۋە پۇل-مۇئامىلە باسقۇچلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. كونفېرانستا، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى چوڭ شىركەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپلا قالماستىن، قانۇن ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەمىنلەش زەنجىرىدىكى رايوننىڭ چوڭ شىركەتلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

كونفېرانستا سۆز قىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا شىركەت باشقۇرغۇچىلىرى، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرىمۇ بار بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىمۇ كونفېرانسنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە شېرىكى بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر