ئامېرىكا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى سۈرىيە خەلقىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

734176
ئامېرىكا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەدنىڭ جىيەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 سۈرىيەلىك، دەمەشقنى مەركەز قىلغان ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان 3 شىركەت، بىر بانكا، بىر جەمئىيەت  ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئاپرېلنىڭ باشلىرىدا ئىدلىبكە قىلغان خىمىيەلىك ھۇجۇمى تۈپەيلى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق سۈرىيە ئىلمىي پائالىيەتلەر ۋە تەتقىقات مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 27 سۈرىيەلىكنىمۇ قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ مەزكۇر ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان ئايروپىلانلار قونۇپ قوزغىلىدىغان شۇئەيرات ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرگەن، شۇنداق قىلىپ، ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011 – يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇنجى قېتىم ھەربىي قەدەم تاشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر