خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ

دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 5 مۇداپىئە يەرمەنكىسىنىڭ بىرى بولغان خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى 13 – قېتىم دەرۋازىلىرىنى ئېچىشقا تەييارلانماقتا.

727267
خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ ھامىيلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقى، تۈركىيە ئارمىيەسىنى كۈچەيتىش ۋەقپىنىڭ باشقۇرۇش ۋە جاۋابكارلىقى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى، 9 – مايدىن 12 - مايغىچە ئىستانبۇلدىكى تۈياپ يەرمەنكە ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە زىيارەتچىلىرىنى قارشى ئالىدۇ. يەرمەنكىدە بۇ يىل 50 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 800 ئەتراپىدا شىركەت مۇداپىئە، خەۋپسىزلىك، دېڭىزچىلىق، ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى ساھەلىرىدىكى ئەڭ ئىلغار ئەسلىھە ۋە سىستېمىلىرىنى تونۇتىدۇ.

2017 – يىللىق خەلقئارا مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسىدە 2 مىڭدىن ئارتۇق پىلانلىق خىزمەت ئۇچرىشىشىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە بىر قاتار كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر