1 – ماي بايرىمى ئانتاليا ساياھىتىگە بەرىكەت ياغدۇردى

1 – ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى ئانتاليا ساياھىتىگە بەرىكەت ياغدۇردى.

723948
1 – ماي بايرىمى ئانتاليا ساياھىتىگە بەرىكەت ياغدۇردى
antalya turist.jpg
antalya tanıtım.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ ماي بايرىمى ۋە 1 – ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ دۈشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىشى سەۋەبىدىن ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرى بىلەن بىرلەشكەن 3 كۈنلۈك تەتىل ئانتاليا ساياھىتىگە بەرىكەت ياغدۇردى، شۇنىڭ بىلەن، مېھمانسارايلار % 90 نىسبىتىدە تولۇپ تاشتى.

بەزى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭمۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنلىرى بىلەن بىرلىشىشى سەۋەبلىك 1 – ماي كۈنىگە توغرا كەلتۈرۈلۈشى ئانتاليا ساياھىتىنى جانلاندۇردى.

بولۇپمۇ شەنبە كۈنى رۇسىيەدىن ناھايتى كۆپ ساياھەتچى كەلدى.

ئانتاليا ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن مول قۇياش ئېنېرگىيەسى، پاكىز دېڭىز سۇلىرى، ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى تەبىئىي  گۈزەللىكلىرى، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى مىسلىسىز بايلىقى بىلەن، ھەمدە ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمىتىنىڭ يۈكسەك، باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن جەزبىدارلىق مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر