ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرى بارلىق زامانلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يەتتى

چەت ئەللەردىكى پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىدىكى تۆۋەنلەش ۋە دوللارنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزدى.

720219
ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرى بارلىق زامانلارنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىندېكس 4 يىل بۇرۇنقى 93 مىڭ 398 نومۇردىن ھالقىپ، يېڭى سەۋىيەگە يەتتى. فىرانسىيەدە پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ تۇنجى باسقۇچىنىڭ كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەسلىكى ۋە دوللارنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرى 100 ئىندېكسى 93 مىڭ 802 نومۇرغىچە يۈكسەلدى. بارلىق كۆرسەتكۈچلەر تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چاكىرىدىن ئېتىبارەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشقا باشلايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر