پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى جانلاندى

تۈركىيەدىكى پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى جانلىنىپ كەتتى.

710441
پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى جانلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 88 مىڭ 765 نومۇردىن ئېچىلغان ئىستانبۇل پاي چېكى بازىرى % 3.1 ئۆرلەپ، تۈنۈگۈن كۈننى 91 مىڭ 240 نومۇردىن تاماملىدى. بۇ كۈننى يېقىنقى 27 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدىكى تاماملاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا سېلىنما بانكىسى  Morgan Stanley نىڭ ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي دوكلاتى ۋە خەلقئارا كىرىدېتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Moody’s نىڭ تۈركىيەنىڭ 2017 – يىللىق ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئالاقىدار مۆلچىرىگە قارىتا دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغان بولدى.

ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى خەلقئارا جەمئىيەت پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمى توغرۇلۇق كەڭ دائىرىلىك راي سىناشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، مۇشۇ ھەپتە ئېتىبارى بىلەن بۇنىڭ بارلىق نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر