تۈركىيە ئىقتىسادى 2016 - يىلى %2.9 ئاشتى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى، تۈركىيەنىڭ 2016 - يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

703138
تۈركىيە ئىقتىسادى 2016 - يىلى %2.9 ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيە ئىقتىسادى ئۆتكەن يىلى %2.9 ئېشىش ھاسىل قىلغان.

ئالاقىدار ئورۇنلار، 2016 – يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ %2.2 ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، ئوتتۇرا مەزگىللىك ئېشىش نىشانى %3.2 ئىدى.

تۈركىيە ئىقتىسادى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە %3.5 ئېشىش ھاسىل قىلدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 10807 دوللار بولدى.

ئۆتكەن يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ئىقتىسادنىڭ %1.8 چېكىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى، بۇ نىسبەت %1.3 گە تۆۋەنلىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر