تۈركىيە-سومالى خەلقىنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى

سومالى 2011-يىلى يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدە ئۇنتۇپ قالمىغان تۈركىيە خەلقىنى يەنە ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

703313
تۈركىيە-سومالى خەلقىنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى مەملىكەتلىك قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شەيخ نۇر بارۇد گۇرخان 2011-يىلى يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتتە ئۆزلىرىنى ئۇنتۇمىغان تۈركىيەلىك قېرىنداشلىرىدىن يەنە ياردەم قولىنى ئۇزۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

گۇرخان سومالىدا ئاپرېل ۋە سېنتەبىر ئايلىرىدا يىلدا ئىككى قېتىم يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر كېلەر ئاي ئۈمىد قىلغان يامغۇر ياغمىسا، مەملىكەت تەۋەسىدە تېخىمۇ چوڭ تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىشى مۇمكىن. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان يامغۇر كۆرمىگەن سومالى خەلقى چوڭ كىرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە. تۈرك خەلقىدىن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەي ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاپرېل ئېيىتدا يامغۇر ياغقان تەقدىردىمۇ زېمىن دەرھال كۆكەرمەيدۇ، يېزىلاردىن شەھەرگە كۆچۈپ كەلگەن مىڭلارچە ئادەمنىڭ ھېچقانداق نەرسىسى يوق. ئۆي ھايۋانلىرى ئۆلۈپ كەتكەن، تېرىقچىلىق ئېتىزلىرى قۇرۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشى ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە ئاي سىرتتىن كېلىدىغان ياردەمگە موھتاج. ئاچارچىلىق ۋە سۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تۈگىشىپ كەتكەن كىشىلەر، دېمىسىمۇ كېسەل ھالەتتە. تىببىي ۋە ساقلىق خىزمەتلىرىگە ئېھتىياجىمىز بار» دېدى.

گۇرخان قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن كېسەللىك ۋە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان سومالىدا، دۆلەتنىڭ ھەممە جايلىرىدىن ئۆلۈم خەۋەرلىرىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «بىر يېزىدىن 40-30 ئادەم بىر كۈن ئىچىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئەگەر ياردەم كېلىدىغان بولسا، ھازىر كېلىشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا، ھەممە ئىشتا كېچىككەن بولىمىز. دۆلەت ئىچىدە ئەھۋال ئىنسانىي كىرىزىسقا ئايلاندى» دېدى.

ئۇ سومالىدا قۇرغاقچىلىقنىڭ باي، لوۋېر شاببې ۋە جۇبا لەند رايونلىرىدا ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رايون خەلقىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغان شاببېل ۋە جۇبا دەريالىرىنىڭ پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «سومالىدا %50 دىن ئارتۇق خەلق چارۋىچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن چارۋىچىلىقنىڭ %80 ى ۋەيران بولدى. يېزىلاردا ئۆي ھايۋانلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ۋە دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى قۇرۇپ كەتكەن كىشىلەر ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن شەھەرلەرگە كۆچۈۋاتىدۇ» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر