تۈركىيە – ئۇكرائىنا ساغلاملىق ساياھىتى

تۈركىيە – ئۇكرائىنا ساغلاملىق ساياھىتىدە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە

701688
تۈركىيە – ئۇكرائىنا ساغلاملىق ساياھىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساغلاملىق ساياھىتىدە يېڭى قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پايتەخت ئەنقەرەدە تۈزۈلگەن «تۈركىيە – ئۇكرائىنا ساغلاملىق ساياھىتى كېلىشىم لايىھەسى» دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت ساياھەت ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ.

ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان لايىھە ئارقىلىق ساغلاملىق ساياھەتچىلىرى سانىنى كۆپەيتىش نىشان قىلىنماقتا.

سەھىيە مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى ئەرگىنەر بىردال تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ناھايتى ياخشى بولغان ئۇكرائىنادىن تۈركىيەگە كېلىدىغان ساغلاملىق ساياھەتچىلىرى سانىنى كۆپەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى ھەمدە 2023 – يىللىق نىشانلار ئارىسىدا ساغلاملىق جەھەتتىن شەھەر دوختۇرخانىلىرىنىڭمۇ ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر