سىنگاپوردا ئۇچار تەكسىلەر مۇلازىمەت باشلايدۇ

سىنگاپور قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ شۇپۇرسىز ئۇچار تەكسى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ھەر خىل شىركەتلەر بىلەن مۇزاكىرىلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

700072
سىنگاپوردا ئۇچار تەكسىلەر مۇلازىمەت باشلايدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىنگاپور 2030 – يىلىدا قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش چارىسى سۈپىتىدە ئۇچار تەكسىلەرنى مۇزاكىرىلەشمەكتە.

سىنگاپور قاتناش مىنىستىرلىقى يولۇچى ئېلىپ ئۇچالايدىغان شۇپۇرسىز ئۇچار تەكسى ئۈچۈن ھەر خىل شىركەتلەر بىلەن مۇزاكىرىلەشمەكتە. 

سىنگاپور قاتناش مىنىستىرلىقى باش كاتىپى پاڭ كىن كېئوڭ 2030 - يىلىدا سىنگاپوردا ھاۋا قاتنىشىنىڭ ئىناۋەتلىك بىر تاللاش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سىنگاپور گەرچە كۆرۈنۈشتە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما نوپۇسىنىڭ زىچلىقى سەۋەبىدىن قاتناش قىستاڭچىلىقى داۋاملىق قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.

سىنگاپور قاتناش زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئاپتومۇبىلغا يۇقىرى باج قويۇش، قاتناش زىچ يوللارغا ئاپتوماتىك يۆزلەندۈرۈش ئۈسكىنىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە، شوپۇرسىز ئاپتومۇبىللار ۋە شوپۇرسىز تەكسىلەرنىمۇ سىناق قىلىشقا يول قويغان ئىدى. 

شۇنداقتىمۇ سىنگاپورنىڭ ئاممىۋىي قاتناشتىكى بىرىنچى تاللىشى يەنىلا پويىز بولىدىغاندەك قىلىدۇ.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر