ئېكسپورت ساھەسىدە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت ساھەسىدە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە.

696084
ئېكسپورت ساھەسىدە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت ئىشلىرىنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيادا ئېكسپورت ئىشلىرى كەينىگە چېكىنىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا.»

تاشقى سودا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن – تۈركىيە – لىيۇكسېمبورگ سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا سۆز قىلغان زەيبەكچى، 2017 – يىلىنىڭ ئىقتىساد سەپەرۋەرلىكى قايتىدىن باشلانغان بىر يىل بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مارت ئېيى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەمما ئىقتىسادىي ساھەدە بولۇپمۇ ئېكسپورتتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر