گ-20 دۆلەت يىغىنىدا ئامېرىكا-گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

گېرمانىيەدە چاقىرىلغان گ-20دۆلەت گۇرۇھى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كېلەچىكى كېڭەش قىلىندى.

694391
گ-20 دۆلەت يىغىنىدا ئامېرىكا-گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا مەسىلىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي كۈچى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 20 قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىرى قاتناشقان گ-20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكەر يىغىنى ئاخىرلاشتى.

19دۆلەتنىڭ مالىي ئىشلىرى  مىنىستىرى گېرمانىيەدە ئۇچراشتى.

يىغىندا ئافرىقىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر بويىچە كېڭەش ئۆتكۈزۈلدى.

گ-20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە ئىشلىرى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى سىجىل ئىقتىسادىي قۇرۇلما مەسىلىسى تەشكىل قىلسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سودا مەسىلىلىرى يىغىندا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

2 كۈن داۋاملاشقان يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك قاتناشتى.

شىمشەك يىغىندا مۇنداق دېدى:«گ-20دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى تولىمۇ ئالدىراش ئۆتتى. يىغىندا كېلەچەكنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئۈستىدە كېڭەش قىلدۇق، دۇنيا ئىقتىسادىنى كۈچلۈك، سىجىل ۋە تەڭپۇڭ ھالەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، قانداق قەدەملەرنى تاشلاش ئۈستىدىمۇ مۇزاكىرە ئۆتكۈزدۇق.»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر شىمشەك تۈركىيە توغرۇلۇق پەيدا قىلىنغان سەلبىي چۈشەنچىلەر توغرۇلۇقمۇ توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى:«تۈركىيەگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدىغان ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىدىن كېيىن باشقا ئارقىدا قالغان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنىمۇ ئېلىپ بېرىپ تۈركىيە ھەققىدە پەيدا بولغان سەلبىي چۈشەنچىلەرنى ئۆزگەرتىمىز ، تۈركىيە نورماللىققا قاراپ يۈزلەنمەكتە، ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىدىن كېيىن باشقا قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ دۆلىتىمىزنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

گ-20دۆلەت گۇرۇھى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %85نى، دۇنيا سودىسىنىڭ %80نى، شۇنداقلا دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتە ئىككىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر