2 مىليون ئىرانلىق ساياھەتچىنىڭ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە

تۈركىيە مېھمانخانىچىلار بىرلىكى دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ يىل ئىچىدە تۈركىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانىغا دائىر مۆلچەرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

693708
2 مىليون ئىرانلىق ساياھەتچىنىڭ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئىراندىن 2 مىليون ساياھەتچى كېلىشىنى كۈتمەكتە؛ تۈركىيە مېھمانخانىچىلار بىرلىكى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا، ئۆتكەن يىلى 1 مىليون 665 مىڭ ئىرانلىق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان تۈركىيەنىڭ بۇ يىل 2 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، نورۇز بايرىمىدىن ئىلگىرى ئىراندىن كەلگەن تەلەپ نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ئىراننىڭ بۇ يىل چوڭ ساياھەت بازىرى بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ئېيىدا ئىراندىن كەلگەن ساياھەتچى سانىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %10 ئېشىپ، 101 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، «ئىرا، ساياھەتچىلىكتە ئېشىش كۆرۈلگەن نادىر بازارلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ، يىل ئاخىرى ئۈچۈن ئىجابى ئىشارەت» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر