رۇسىيە تۈركىيەگە قويغان ئىمپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

رۇسىيە تۈركىيەنىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرىغا قويغان ئىمپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى.

689003
رۇسىيە تۈركىيەگە قويغان ئىمپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر يىلدىرىم  خىزمەت زىيارىتىدە بولۇۋاتقان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدۋېدېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، يىلدىرىم بىلەن مېدۋېدېۋ تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قايتىدىن مۇستەھكەملىنىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەشتى. ئۇچرىشىشتا يەنە، سودا، قاتناش، يېزا ئىگىلىك، ترانسپورت، تاموژنا، ئېنېرگىيە، ۋىزا تۈزۈمى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. مېدمېدېۋ بەزى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈركىيەدىن رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىنىشى نىشان قىلىنغان قارارنامىنى ئىمزالىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىككى رەھبەر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا چاقىرىلىدىغان تۈركىيە – رۇسىيە ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ھارپىسىدا ئېلىپ بارغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئىپادىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر